ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. كىتاپ بىتىمىزگە مەرھابا

سىناق بەت - جىددى ياسىلىۋاتىدۇ...

قالتىس ياشاشنىڭ بەش يولى

  • مەھسۇلات دەرىجىسى:
  • جەمئى ئىنكاس0
  • ساتقۇچى: ئەۋلاد نەشرىياتى-Ewlat Neşriyat
  • نەشرىيات: ئەۋلاد نەشرىياتى
  • ئاپتور: شادى سەبرى
  • مۇقاۋىسى: قاتتىق تاشلىق
  • ئېغىرلىقى: 0 گرام
  • بەت سانى: 165
  • نەشىر يىلى: ‎2020

سېتىۋېلىش سانى:

  • يەتكۈزۈش ھەققى: ‎ئېغىرلىقى 100 گرامدىن تۆۋەن بولسا ھەقسىز يوللىنىدۇ
  • باھاسى: ‎₺15.00

قالتىس ياشاشنىڭ بەش يولى
ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىدا ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ. تۈركىيە سىرتىدىكىلەر تۆۋەندىكى كىتابخانىلاردىن ئەكەلدۈرۈۋالساڭلار بولىدۇ:
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى كىتابخانىسى
قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى
ھىرا كىتابخانىسى
سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئۆزۈندە:
بىز مۇۋەپپەقىيەت ئاددىي ئۇقۇمغا ئايلانغان بىر دەۋردە، مىليونلىغان ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ياشىماقتىمىز.
ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى شۇ ئۇتۇق قازانغانلار قاتارىدا كۆرۈشنى خالامسىز؟!
ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشنىچۇ؟!
ئۇلار يېتەلمىگەن چوققىلارغا يېتىشنىچۇ؟!
ئەلۋەتتە قالتىس كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن سىزدە ئالاھىدە بىر تالانت بولۇشى كېرەك.
تالانت دېگىنىمىز بىر ئادەم يېتىلدۈرىمەن دەپلا پەيدا قىلىۋالالايدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بار. ئادەملەر قەيەردە، قاچان، قانداق شارائىتتا بولمىسۇن، شۇ قانۇنىيەتلەرگە ماس ياشىغاندىلا قالتىس كىشىلەردىن بولالايدۇ.
قالتىس ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇ ئىمكانىيەتنى قەيەردىن ئالىدۇ؟!
ئەلۋەتتە ئۇلار ھايات قانۇنىيەتلىرى بويىچە ماڭىدۇ-دە، شۇنداق يۇقىرى چوققىلارغا چىقالايدۇ.
بىز ئوتتۇرىغا قويىدىغان بۇ قانۇنىيەتلەر ھەرگىزمۇ رېئاللىقتا تەڭلىمىسى يوق، قۇرۇق خىياللار ئەمەس. بەلكى ئۇ، مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلاردۇر. شۇڭا بىز بۇلارنى شەرت ياكى باسقۇچ دەپ ئاتىماي، بەش قانۇنىيەت دەپ ئاتىدۇق.
بۇ قانۇنىيەتلەر نېمە ئۈچۈن بەش بولۇپ قالدى؟!
بەش دېگەن بۇ سان ئىنسان ھاياتىدا ئالاھىدە سىمۋوللۇق مەنىلەرگە ئىگە. مەسىلەن: قولىمىزدا بەش بارماق بار، پۇتىمىزدا بەش بارماق بار. ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى بار. ئىنسان جىسىم، ئەقىل، روھ، ھېسسىيات، ئۆزلۈك (جەۋھەر) دىن ئىبارەت بەش ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان. پۈتۈن ئىنسانلار بۇ بەش ئېلېمېنتتا ئورتاق.
بارلىق ئادەملەردە جىسىم مەۋجۇت بولغاندەك ئەقىلمۇ مەۋجۇت، ھەتتاكى ھوشى جايىدا بولمىغان ساراڭلارنىڭمۇ گەرچە ئەقلى مۇكەممەل ئىشلەپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇلاردا ئەقىل بار.
بارلىق ئادەملەردە روھ مەۋجۇت، ناۋادا روھتىن مەھرۇم بولسا ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ.
بارلىق ئادەملەردە قەلب بولىدۇ. گەرچە ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ئىپادىلەشكە قارىتا بىلىشى ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇلاردا ئۆزىنى ئىپادىلەشكە قارىتا بىر قىزىقىش بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئىنسان بەش ئامىلدىن تەركىب تاپقان دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئەلۋەتتە ساغلام ئىنسانىيلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر بەش قانۇنىيەت (ھايات قانۇنىيەتلىرى)نى ئۆزىمىزدە ھازىرلىشىمىز كېرەك.
مەزكۇر بەش قانۇنىيەت نېمە ۋەجىدىن شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالدى؟
بۇ قانۇنىيەتلەرنى ھازىرلىغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟
بىز تېمىنى تەگلەپ چۈشەنگىنىمىزدە مەزكۇر بەش قانۇنىيەتنىڭ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىنسانىيلىقنى قايتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ھاياتلىق يۆنىلىشىنى رۇسلىۋېلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەنە شۇ چاغدىلا ئادەملەر ئۆز ھاياتىنى ئۆرنەكلىك بىر ھالەتكە ئېلىپ كېلەلەيدۇ. چۈنكى، مەزكۇر قانۇنىيەتلەر ئەڭ مۇكەممەل ھاياتنىڭ يول خەرىتىسى بولالايدۇ. بۇ خەرىتىگە ئاساسەن كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن بەرپا قىلالايدۇ، ئاندىن كېيىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ۋە بارچە خالايىقنىڭ ئۆزىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
داۋامىنى كىتابتىن ئوقۇغايسىز

ئىنكاس يوللاش ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىڭ